ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى تەسىرى

دۇنيا مىقياسىدا، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 13 مىڭدىن ئېشىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 280 مىڭغا يەتتى.

1382728
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى تەسىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ئىتالىيەدە، بىر كۈن ئىچىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 793 كىشى ئېشىپ، 4825 كە يەتتى.

خەلق كوچىغا چىقماسلىق قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغان رايونلاردا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەركىزى ھۆكۈمەتتىن «مۇمكىن بولغان بارلىق جايلارنى تاقاش» نى تەلەپ قىلماقتا.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇسېپپې كونتېنىڭ، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىستراتېگىيەلىك ۋە زۆرۈر بولمىغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسپانىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1378 گە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر كۈندە 5000 كىشى كۆپىيىپ، جەمئىي 25 مىڭغا يەتتى. پايتەخت مادرىدتا، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارمۇ بىمارلارنى توشۇشقا ئىشلىتىلدى، بەزى مېھمانخانىلار دوختۇرخانىغا ئايلاندۇرۇلدى.

فرانسىيەدىكى يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 112 كىشى ئېشىپ، 562 گە يەتتى. داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 1525 كە يەتتى.

گېرمانىيەدە 77 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. گېرمانىيە ۋىرۇسقا قارشى تەدبىر نۇقتىسىدىن ياۋروپادىكى ئەڭ ئىنتىزامچان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

بېلگىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 67 گە چىقتى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 2815 كە يەتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، يولغا قويغان قاتتىق تەدبىرلىرىنىڭ ئېغىر قاتناش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يولۇچى ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ توشۇلۇشىغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋون دېر لېيېن ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «نۇرغۇن ياۋروپالىقلار ئۆيىگە قايتالمايۋاتىدۇ. مەھسۇلات، يېمەكلىك ۋە دورا توشۇيدىغان يۈك ماشىنىلىرى توسۇلۇپ قالدى. بەزى چېگرالاردا ياخشىلىنىش بار، بىراق قاتناشتىكى قىستاڭچىلىق داۋاملاشماقتا. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئەنگلىيەدە 233 ئادەم قازا قىلدى. 65 مىڭ سابىق سەھىيە خادىمى ۋەزىپىگە چاقىرىلدى.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۇنجى ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەردى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 93 كە يەتتى. سېرب جۇمھۇرىيىتىدە بولسا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 20:00 – 05:00 غىچە بولغان ئارىلىقتا كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلدى.

ئامېرىكادا تېز تارقىلىۋاتقان يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 260 قا  ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 19 مىڭ 624 كە يەتتى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، ئېلىپ بېرىلغان ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدە مايك پېنسنىڭ نەتىجىسى «سەلبىي» بولۇپ چىقتى.

ئاۋىستىرالىيەدە 7 ئادەم قازا قىلىپ، 1098 يۇقۇملىنىش كۆرۈلدى. باش مىنىستىر سكوت موررىسون ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە مەجبۇرىي بولمىغان ساياھەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

لاتىن ئامېرىكانىڭ تۇنجى يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن دۆلىتى بىرازىلىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە  ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 25 مىڭغا يەتتى.

ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان ۋە بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ باي ئۆلكىسى بولغان سان پاۋلونىڭ كارانتىناغا ئېلىنغانلىقى جاكارلاندى.

بولىۋىيەدىمۇ 19 ئادەمدە بايقالغاندىن كېيىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كارانتىنا ئېلان قىلىندى.

بولىۋىيەدەكى ئالىي سايلام سوتى 3 - مايدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان چوڭ سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى.

ۋاقىتلىق پرېزىدېنت جېنىن ئانېز بۈگۈندىن ئېتىبارەن 14 كۈنلۈك كارانتىنا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قامدايدىغان كارخانىلارنىڭ چۈشكىچە ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەر ئۆيدىن بىر كىشىنىڭ سىرتقا چىقىپ، مال سېتىۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

چىلىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۇنجى ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلدى. نوپۇسى 18 مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتتە ھازىرغىچە 537 ئادەم يۇقۇملانغان ئىدى.

كولۇمبىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بىر ئادەم قازا قىلدى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 210 غا يەتتى.

ئارگېنتىنادىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19)  سەۋەبىدىن يەنە بىر كىشى قازا قىلىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 4 كە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 158 گە چىقتى. چىلىدا 537، ئۇرۇگۋايدا 110، پاراگۋايدا 1 كىشى ئۆلۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 18 گە، پېرۇدا 5 كىشى ئۆلۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 318 گە، ئېكۋادوردا 7 ئادەم ئۆلۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 506 گە، ۋېنېزۇئېلادا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 42 گە يەتتى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر