دونالد ترامپ كىم جوڭئۇنغا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا مەكتۇپ يوللاپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى تەكلىپ قىلدى.

1382804
دونالد ترامپ كىم جوڭئۇنغا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش تەكلىپى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ خەلقىنى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىمۇ دونالد ترامپنىڭ كىم جوڭئۇنغا مەكتۇپ ئەۋەتكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئاقساراي ئەمەلدارى ئوتتۇرىدا يىرىكچىلىكلەرنىڭ بولۇشىغا قارىماستىن، بۇ مەكتۇپنىڭ ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى «خۇسۇسىي ۋە ئىنتايىن قويۇق شەخسىي مۇناسىۋەت» نىڭ ئىپادىسى بولغانلىقىنى، تىرامپنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئالاقىلىشىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە مېدىياسىمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما، كىم جوڭئۇننىڭ قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى.

شىمالىي كورېيە دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بەزى چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، شىمالىي كورېيەدىكى سەھىيە ئۇل- ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن چوڭ ئىنسانىي ئاپەت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر