«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 11 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

بۇلتۇر دېكابىردا ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 11 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 270 مىڭغا يېقىنلاشتى.

1382266
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 11 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 1433 كە يەتكەن ئىراندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، دۆلىتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشا كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېھراننىڭ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش چاقىرىقىنى رەت قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاكىمىيىتى ئىران پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى خۇشاللىنارلىق ئىچىدە كۆزىتىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا شۇنداق خىتاب قىلىمىزكى، سىلەرنىڭ بىزگە قاراتقان سىياسەتلىرىڭلار تارىخ سەھىپىسىدە يامان نام بىلەن خاتىرىلىنىدۇ، ئەمما ئىران ھەرگىزمۇ ۋەيران بولمايدۇ.»

جەنۇبىي كورېيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 6 ھەسسە كۆپىيىپ، 100 گە يەتتى.

روسىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19)  بىلەن يەنە 54 كىشى يۇقۇملاندى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 253 كە يەتتى، بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چەت ئەلدىكى پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئىسرائىلىيەدە 88 ياشلىق بىر كىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىلىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن تۇنجى ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم 2 ئادەم قازا قىلدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 69 غا يەتكەن ئىيوردانىيەدە، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

54 كىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان تۇنىس پرېزىدېنتى كەيس سەيىد، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشا كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى گابوندا، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن تۇنجى ئۆلۈم ھادىسىسى كۆرۈلدى. دۆلەت مىقياسىدىكى بارلىق مەكتەپلەر تاقالدى، چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر ۋە مۇراسىملارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە دۆلەت ئورۇنلىرىدا 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بىر  يەرگە جەم بولۇشى چەكلەندى.

سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلىتى توگودا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 1 دىن 9 غا كۆپەيدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن بىر كىشى ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يۇقۇملانغانلار سانى 40 قا يەتكەن بۇركىنا فاسودا بولسا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ رەئىسى سىمون ساۋادوگو بىلەن مائارىپ مىنىستىرى ستانىسلاس ئوۋارونىڭمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ماراكەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا قىتئىسىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 23 كە يەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 900 غا يېقىنلاشتى.

نىگېر ، كابو ۋېردې ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە تۇنجى قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بايقالدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە، چەتئەللىكلەرنىڭ ئەتەدىن باشلاپ بىر ھەپتە دۆلەتكە كىرىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سىنگاپوردا 385 «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئىككى ئادەم ئۆلدى، 385 ئادەم يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر