ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈمى خىتايدىن ئېشىپ كەتتى

ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىتالىيەدە، 13 دوختۇر جېنىدىن ئايرىلىپ، بۇ ساننىڭ 3405 كە يېتىشى بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم يۈز بەرگەن دۆلەتكە ئايلاندى.

1381858
ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۆلۈمى خىتايدىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە 2020-يىلى 21-فېۋرالدا كۆرۈلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ئۆرلەپ 41 مىڭ 35 كە يەتتى. داۋالىنىپ ياخشىلانغانلارنىڭ سانى يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقنى قوشقاندا 4 مىڭ 440 قا يەتتى.

ئىتالىيە يەرلىك مەتبۇئاتلىرى دەپنە خىزمەتلىرىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىنى، نۇرغۇن مېيىتلارنىڭ چېركاۋلاردا تۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 1002 گە يەتكەنلىكىنى، 19 مىڭ 980 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 108 كىشى ئېشىپ 372 گە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىڭ 995 كە يەتتى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سۆز قىلغاندا، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقىشقا چەك قويغان بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغانلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بەزى كىشىلەرنىڭ باغچىلارغا، سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىگە ياكى بازارلارغا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن. بۇ كىشىلەر بىزنىڭ سۆزىمىزنى چۈشەنمىدىمۇ؟» دېدى.

ئۇ يەنە: «تېخى كىرىزىسنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ مۇسابىقە، ۋىرۇس بىلەن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتەلىشىمىز لازىم» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق كان (Cannes) فلىم فېستىۋالى ئىيۇن (2020) ئېيىغا كېچىكتۈرۈلدى.

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچ دوختۇر فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئىدۋارد فىلىپپې (Edouard Philippe) بىلەن ئۆتكەن ئاي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن سابىق سەھىيە مىنىستىرى ئانگېس بۇزىن (Agnes Buzyn) ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ۋە ماسكىلارنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

گوللاندىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 18 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇ سان 76 گە چىقتى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانى 2 مىڭ 460 قا يەتتى.

گوللاندىيەنىڭ سەھىيە، پاراۋانلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى برۇنو برۇۋىنس (Bruno Bruins) نىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى؛ بۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە ھېرىش-چارچاشنىڭ سەۋەب كۆرسىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

برۇنو برۇۋىنس چارشەنبە (2020-يىلى 18-مارت) كۈنى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام پالاتاسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقاندا ھوشىدىن كەتكەن ئىدى.   

ياۋروپا پارلامېنتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان مەخسۇس تەدبىرلەرنى ماقۇللاش ئۈچۈن 26-مارت (2020) تا توپلىنىدۇ. 1-2-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، 26-27-مارتتا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى توپلىنىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ۋىرۇس سەۋەبىدىن مانېۋىرلارنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن كىرىزىسلاردىن ئۆتتۇق، بۇ كىرىزىستىنمۇ ئۆتۈپ كېتىمىز» دېدى.

موناكو پادىشاھلىقى شاھزادە 2-ئالبېرتنىڭمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 144 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 3 مىڭ 269 غا يەتتى. باش ۋەزىر بورىس جونسون خەلق تەۋسىيەلەرگە رىئايە قىلغان ئەھۋالدا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ 12 ھەپتىدە ياخشىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 15 مىڭ 320 گە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 44كە چىقتى.

شىۋېيتسارىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 43 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلار 4 مىڭ 222 گە چىقتى. بېلگىيەدە بولسا، 21 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1795 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 217 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 14 مىڭ 366 كىشى يۇقۇملانغان ئامېرىكادا، خەلقئارا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى 4-دەرىجىگە چىقىرىلدى. كىشىلەرنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت قىلماسلىقى، چەت ئەلدىكىلەرنىڭ ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىشى چاقىرىق قىلىندى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان كالىفورنىيە ئىشتاتىدا «ئۆيدىن چىقماسلىق بۇيرۇقى» ئېلان قىلىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ 10-12-ئىيۇندا مارىلەند ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغانG-7  رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ۋىدېئو كونفېرانس ئۇسۇلىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى قارار قىلدى.

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان كولومبىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، چەت ئەلدىن كولومبىيەگە كېلىش 30 كۈنلۈك چەكلەندى. بۇ بەلگىلىمە چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقان كولومبىيەلىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى.

پېرۇدا 78 ياشلىق بىر كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. ئارگېنتىنادا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئۈچكە چىقتى.

ھايتىدا تۇنجى قېتىم ئىككى كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى ئېلان قىلىندى. ھايتى ھۆكۈمىتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىپ، بارلىق ئايرودۇرۇم، دېڭىز پورتلىرى، مەكتەپلەر ۋە زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ %90 ىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغان. ئۆلۈم نىسبىتى %10 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر