ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ زابۇل ۋىلايىتىدە تالىبان ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 20 دىن ئارتۇق ئامانلىق ساقلىغۇچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1382109
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زابۇل ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى گۈل ئىسلام سىيالنىڭ ئېيتىشىچە، خۇپىيانە ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان 6 تالىبان ئەزاسى زابۇل ۋىلايەتلىك ساقچىخانىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان.

زابۇل ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ  باشلىقى ئاتا جان ھەقباياننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا 20 دىن ئارتۇق ئامانلىق ساقلىغۇچى قازا قىلغان، زوراۋانلار ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچىخانىدىكى قورال – ياراغلارنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، باغلان ۋىلايىتىنىڭ نەھرەيىن ناھىيەسىگە جايلاشقان شەيخ جالال رايونلۇق ساقچىخانا ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۆلدى، 8 كى يارىلاندى.

بومبىنىڭ تالىبان ئەزالىرى تەرىپىدىن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

تالىبان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر