خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بىرىنچى بولۇپ ئاشكارىلىغان دوختۇردىن ئەپۇ سورىدى

ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بىرىنچى بولۇپ ئاشكارىلىغان دوختۇر لى ۋېنلياڭنىڭ ئائىلىسىدىن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي ئەپۇ سورالغانلىقى ۋە دوختۇر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىككى ساقچىغا جازا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1381929
خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنى بىرىنچى بولۇپ ئاشكارىلىغان دوختۇردىن ئەپۇ سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  نىڭ تەھدىتى توغرىسىدا بىرىنچى بولۇپ ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن «ئۆسەك سۆز تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلگەن دوختۇر لى ۋېنلياڭ ئائىلىسىدىن ئەپۇ سورىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋۇخەن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ دوختۇر لى ۋېنلياڭنى قولغا ئېلىش تەھدىتى ئارىلاشقان ئاگاھلاندۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2019-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان سەككىز دوختۇرنىڭ ئىچىدە بار بولغان لى ۋېنلياڭ، 2020-يىلى 6-فېۋرال ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، دوختۇر لى ۋېنلياڭنىڭ ئۆلۈمى تاراتقۇلاردا زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان بولۇپ، خىتاي ئالىي سوتى ساقچى تەرەپنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خۇبېي ئۆلكىسىدە سىرتقا چىقىش چەكلىمىلىرىنى بوشاشتۇردى. بىراق، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ ھازىرمۇ تاقالغان ھالەتتە ئىكەنلىكى، 14 كۈن بويىچە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ۋەقە كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا كارانتىننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.                                              



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر