ئىراندا ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 180 گە يەتتى

ئىراندا ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 – مارتتىن بۇيان 180 گە يەتتى.

1381306
ئىراندا ساختا ھاراق ئېچىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 180 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىران جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى فارس شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد جەۋاد مۇرادىيان، ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، 6 - مارتتىن بۇيان 427 كىشىنىڭ ساختا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىلارغا مۇراجىئەت قىلغانلىقىنى، بۇلاردىن 65 ىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، 14 ىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى <ھاراق ئارقىلىق ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن> دېگەندەك يالغان – ياۋىداقلار مانا مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.»

يەنە بىر تەرەپتىن، فارس ئۆلكىسىدە  دۆلەت خەۋپسىزلىك  ئورگانلىرىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى داۋامىدا، 50 مىڭ لېتىر ھاراقنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە تارقاتقۇچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان كۆپ ساندا كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فارس ئۆلكىسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرلىكتە، ئىران مىقياسىدا ساختا ھاراق ئىچىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 180 گە يەتتى.

دوختۇرخانىلاردا يېتىۋاتقانلاردىن ھازىرغىچە ھۇزىستان ئۆلكىسىدە 51، ئەردەبىل ئۆلكىسىدە 19، ئەلبۇرز ئۆلكىسىدە 15، مازەندەران ئۆلكىسىدە 12، ئىسفاھان ئۆلكىسىدە 7، كۈردىستان ئۆلكىسىدە 6، ھەمەدان ئۆلكىسىدە 4، ھۈرمۈرگان ئۆلكىسىدە 1 كىشىنىڭ ساختا ھاراق ئىچگەندىن كېيىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى جاكارلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر