ئىراق ئامېرىكا ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز قىلدى

ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى ھاشدى شابى كۈچلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز قىلدى.

1379772
ئىراق ئامېرىكا ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەھمەت ئەسساھاف ئامېرىكا ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز قىلىنغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ب د ت ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز خېتى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتچى ئەھمەت ئەسساھاف ئىراقتىكى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئىراق ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەش، قوراللاندۇرۇش ۋە مەسلىھەتچىلىك خىزمىتى بېرىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەرز خېتىدە، ئىراق زېمىنلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ھۇجۇم ياكى ھەرىكەتنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدۇق» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ «مەسئۇلىيەتسىزلىك» بولىدىغانلىقىنى ۋە قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى 13-مارتتا ئىراقنىڭ بابىل، كەربالا، سالاھاددىن، ئەنبار ۋە باشقا شەھەرلەردە، ئىرانغا يېقىن شىئە قوراللىق كۈچ بولغان ھاشدى شابى كۈچلىرىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. كەتائىب ھىزبۇللاھ (ھىزبۇللاھ بىرىگادىلىرى) ياكى «ئىراق ھىزبۇللاھى» دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىمۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇملاردىن كېيىن، كەتائىب ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ قورال ئىسكىلاتلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كەتائىب ھىزبۇللاھ ياكى «ئىراق ھىزبۇللاھى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تەشكىلات، ھاشدى شابى كۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر