ئۇكرائىنا تۈركىيە سېتىۋالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سىناق قىلدى

ئۇكرائىنا تۈركىيەدىن سېتىۋالغان بايراقتار ت.ب2 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى سىناقتىن ئۆتكۈزدى.

1378792
ئۇكرائىنا تۈركىيە سېتىۋالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بايراقتار ت.ب2 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇچۇش سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قوراللىرى سېپىگە بىلدۈردى؛ باياناتتا، «بايراقتارنى تېز سۈرئەتتە بوشلۇققا چىقىرىپ، ئۇرۇش مەشقىنى باشلىدۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بايراقتار ت.ب2 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ ئەسەدنىڭ ئارمىيەسىگە قىلىنغان ھۇجۇملار تۈرك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ناھايىتى ئىلغار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېيىلدى.

ئۇكرائىنا تۈركىيەدىن سېتىۋالغان 6 دانە بايراقتار ت.ب2 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى يېقىندا ئۇكرائىناغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، قوبۇل قىلىش سىناقلىرى ئۇتۇقلۇق بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر