شەرق دۇنياسىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 3213 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1378699
شەرق دۇنياسىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، ھېچقايسى شەھەرنىڭ كارانتىن ئاستىغا ئېلىنمىغانلىقىنى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ سودا ئىشلىرىغىمۇ ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھەسەن رۇھانى پايتەىت تېھراندا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ خەلقتىن سەھىيە خادىملىرىنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا سىرتقا چىقماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 853 كە يەتتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانى 12 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

ئىراقتا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كوچىغا چىقىش چەكلەندى. ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغانلارنىڭ سانى 124 كە چىقتى.

كۇۋەيتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان كىشىلەرنىڭ سانى 123 كە چىقتى. ئىيوردانىيەدە بولسا، 15 كە يەتتى.

لىۋان باش مىنىستىرى ھاسسان دىياب ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دۆلەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

ئىسىرائىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 250 كە يەتتى. ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ئەتراپىدىكىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيەدە يېڭىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان تۆت كىشى بىلەن، بۇ سان 66 گە چىقتى.

ئەزەربەيجان مىنىستىرلار كېڭىشى تەركىبىدە قۇرۇلغان «Kovid-19 كومىتېتى»، يېڭىدىن تۆت كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانىنىڭ 16 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مولداۋىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 23 كە، گىرۇزىيەدە 33 كە چىقتى. ئۇكرائىنادا بەشكە چىقتى.

قازاقىستاندا 2020-يىلى 16-مارتتىن 15-ئاپرېلغىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. دىپلوماتلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا چەت ئەللىكلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشى بۈگۈن (16-مارت) دىن باشلاپ توختىتىلدى.

ئۆزبېكستاندا بەش كىشىنىڭ يېڭىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، بۇ سان ئالتىگە چىقتى.

ئۆزبېكستان باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ئارىپوۋ بۈگۈن (2020-يىلى 16-مارت) دىن باشلاپ تاموفنا ئېغىزلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپلەردىن باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ بالدۇر تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھازىرغىچە 30 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان ئەرمېنىيەدە، ھۆكۈمەت2020-يىلى 16-ئاپرېلغىچە مەملىكەت مىقياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر