UNICEF: سۈرىيەدە 7 مىليوندىن ئارتۇق بالا جىددىي ياردەمگە مۇھتاج
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) سۈرىيەدە 9 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن 7 مىليون 500 مىڭ بالىنىڭ جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: UNICEF تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، سۈرىيەدە دۆلەت ئىچىدە 5 مىليون، قوشنا دۆلەتلەردە 2 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، جەمئىي 7 مىليون 500 مىڭ بالا، ئۇدا 9 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، جىددىي ياردەمگە موھتاج ئىكەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 2014-2019-يىللىرى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا 5427 بالا قازا قىلغان. 2019-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 بالا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2 مىليون 600 مىڭ بالا دۆلەت ئىچىدە سەرگەردان بولۇپ قالغان. 2011-يىلى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تەخمىنەن 6 مىليون سۈرىيەلىك بالىدىن 4 مىليون 800 مىڭى سۈرىيەدە، 1 مىليونى قوشنا دۆلەتلەردە تۇغۇلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە سۈرىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى 682 مىليون دوللارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

بېلارۇسىيە بىرسى ئامېرىكا پۇقراسى بولۈپ، جەمئىي 3 كىشىنى قويۇپ بەردى
بېلارۇسىيە قاماقتا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بىرسى ئامېرىكا پۇقراسى بولۈپ، جەمئىي 3 كىشىنى قويۇپ بەردى.