دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئائىلىلىرىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى

2019-يىلى دېكابىر ئېيىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى قەدەممۇ قەدەم كارانتىنغا ئىتتىرمەكتە.

1377452
دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئائىلىلىرىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 16 گە چىققان ئىتالىيەدە، باش مىنىستىر جۇزىپپې كونتې (Giuseppe Conte) ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن (12-مارت) دىن باشلاپ مەملىكەت مىقياسىدا ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدىن باشقا بارلىق سودا پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 61 گە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 2876 گە چىقتى. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە (2020-يىلى 16-مارت) كۈنىدىن باشلاپ بارلىق مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بېلگىيە بىلەن پورتۇگالىيەمۇ مەكتەپلەرنى ئاپرېل ئېيىغىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن دۆلەتلەر قاتارىغا قوشۇلدى. لىيۇكسېمبۇرگ مەكتەپلەرنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دەم ئېلىشقا قويۇۋەتتى.

ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 10 غا، يۇقۇملانغانلار 590 غا چىقتى. ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلالمىغان بۇ دۆلەت، «ۋىرۇسنى كونترول ئاستىدا تۇتۇش» باسقۇچىدىن «ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كېچىكتۈرۈش» باسقۇچىغا ئۆتتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر سانىنىڭ ئېشىشىنىڭ پەرەز قىلىنغانلىقىنى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ناچار خەلق سالامەتلىكى كىرىزىسلىرىدىن بىرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئەڭ كىچىك كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ بۈگۈن (12-مارت) دىن باشلاپ ئۆزلىرىنى ئەڭ ئاز دېگەندە يەتتە كۈن كارانتىن قىلىشىنى، بىر ئائىلە ئەزاسىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا باشقا ئەزالارنىڭمۇ ئۆيدىن چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقان ئامېرىكادا، ئاقساراي، كونگرە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىنالىرى زىيارەتچىلەرگە تاقالدى.

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 77 گە يەتتى. ئۆزلىرىنى كارانتىن قىلىۋاتقان باش مىنىستىر جاستىن ترېدۇنىڭ رەپىقىسى سوفى ترېدۇ (Sophie Trudeau) دا ۋىرۇس بايقالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بۇلغارىيەدە، 11-مارت ۋىرۇس بايقالغان توققۇز كىشى بىلەن، بۇ سان 15 كە چىقتى. بۇ كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىزدەلمەكتە.

چېخىيە باش مىنىستىرى ئادراي بابىس (Adrej Babis) ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىش مەقسىتىدە جىددىي ھالەت قارارى چىقارغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ گېرمانىيە بىلەن ئاۋستىرىيەدىن چەت ئەللىكلەرنىڭ چېخىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى قېتىملىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغىچە بارلىق ۋىزا ئىشلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان چېخىيەلىكلەرنىڭ قايتىپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى، بىراق ئىككى ھەپتە كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر