سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئاخباراتچى كاناداغا قاچتى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئاخبارات ئەمەلدارى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ كاناداغا قاچتى.

1377083
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر ئاخباراتچى كاناداغا قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئەنگلىيەدىكى «‹ Middle East Eye › خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  سەئۇدى ئەرەبىستانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى سەئد ئەلجەبرى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئۆزىگە قارشى سۇيىقەست ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قاچقان ۋە كاناغاغا يەرلەشكەن.

ئەلجەبرى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئالدىنقى ھەپتە قولغا ئېلىنغان سابىق تەخت ۋارىسى شاھزادە، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى مۇھەممەد بىن نايىفنىڭ بىر مەزگىل مەسلىھەتچىسى  بولغانىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەلجەبرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبى، يېقىندا قولغا ئېلىنغان مۇھەممەد بىن نايىفكە بولغان ساداقىتى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى نوپۇزى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى مال – مۈلۈكلىرى سەۋەبىدىن، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سۇيىقەستىگە ئۇچراش ئەندىشىسى ئىكەن.

باشقا بىر مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلجەبرى كانادادىمۇ مۇھەممەد بىن سەلماندىن تەھدىت ئۇچۇرلىرى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر