پومپېيو: ئافغانىستاندا پاراللېل دۆلەتكە قارشىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىرلەشكەن ۋە مۇستەقىل ئافغانىستان دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، لېكىن پاراللېل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1375618
پومپېيو: ئافغانىستاندا پاراللېل دۆلەتكە قارشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر پومپېيو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئافغانىستاندا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ھەر ئىككى نامزاتنىڭ  غەلىبە قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرلۇشى، ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەتكە ئايلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋتقانلىقلىرىنى، قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئەشرەف غېنىنىڭ باشقا رەھبەرلەر بىلەن، دۆلەتتە تىنچلىقنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش مەسىلىسىدە  بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئافغانىستان خەلقىنىڭ تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا خىزمەت ئىشلىمەكتە. جۈملىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق پارتىيەلەرنى بۇ نىشانغا يەتكۈزۈش ئىرادىسى قەتئىيدۇر. ئافغانىستاندا قانداقتۇر بىرەر پاراللېل ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىغا قەتئىي قارشىمىز، ئامېرىكا – تالىبان كېلىشىمى ۋە ئامېرىكا – ئافغانىستان ئورتاق باياننامىسى بىزگە تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش ۋە بىرلەشمە ئافغانىستان قۇرۇش  نىشانىغا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئافغانىستاندا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئەشرەف غېنىنىڭ سايلامدا ھىيلە ئىشلىتىپ قازانغانلىقىنى ۋە سايلامدا ئۆزىنىڭ بىرىنچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، تۈنۈگۈن ئايرىم – ئايرىم قەسەم ئىچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر