نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا 8 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1375628
نىگېرىيەدە بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسسوفو كاتامبېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام ئەزالىرىنىڭ ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار قاچىلغان 20 ئاپتوموبىل بىلەن دېفا رايونىغا جايلاشقان چېتىما ۋونگو ھەربىي نۇقتىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 8 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 ى يوقاپ كەتكەن، كۆپلىگەن تېررورچىلار بىر تەرەپ قىلىنغان، تېررورچىلارغا ئائىت ئاپتوموبىللاردىن بىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن، بىرى پاچاقلاپ تاشلانغان، نىگېرىيە چېگراسىغا قاچقان باشقا ئاپتوموبىللارمۇ «كۆپ دۆلەتلىك ئورتاق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچى» گە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، 2015 – يىلى فېۋرالدىن بۇيان بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان دېفا رايونىدا ئۇدا 5 يىلدىن بېرى جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر