گىرېتسىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى خەندەك كولىماقتا

گىرېتسىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى ياۋروپاغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان كۆچمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چېگرا لىنىيەلىرىگە خەندەكلەرنى كولىماقتا.

1375603
گىرېتسىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى خەندەك كولىماقتا
yunan siniri
yunan sinir.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆچمەنلەر ياۋروپاغا ئۆتۈش كېتىش ئۈچۈن ئەدىرنەنىڭ گىرېتسىيە چېگراسىدا ئۇدا 12 كۈندىن بۇيان كۈتمەكتە.

گىرېتسىيە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا ئۆتۈپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پات -  پات كۆچمەنلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىشتىن سىرت يەنە،  ئۆلۈم ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پىلاستىك ۋە ھەقىقىي ئوقلار بىلەنمۇ مۇداخىلە قىلماقتا.

ئېگىز چېگرا سىم توسۇقلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇم خالتىلىرىنىڭ كەينىگە خەندەك قېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان گىرېتسىيە، بۇ يەردىكى مىلتىقلىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، گىرېتسىيە ئەسكەرلىرى ئۆتۈش ئېغىزلىرى جايلاشقان «مېرىچ دەرياسى» ساھىلىنىڭ بىر قىسمىغا سىم توسۇقلارنى ئورنىتىشقا باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر