بۇركىنا فاسودا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى؛ تۈركىيە ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
بۇركىنا فاسونىڭ شىمالىدىكى ئىككى يېزىدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا 43 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1375115
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالدىكى ياتېنگا شەھىرىنىڭ فۇلانىلار ياشايدىغان دىنگۇئىلا ۋە بارگا يېزىلىرىغا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر ھۇجۇم قىلىپ، 43 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 6 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
نۆۋەتتە بۇركىنا فاسونىڭ 13 رايونىنىڭ 7 سىدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈزىسىدىن جىددىي ھالەت تۈزۈمى ئىجرا قىلىنماقتا.
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇركىنا فاسودا يېقىنقى 4 يىلنىڭ مابەينىدە سادىر قىلغان ھۇجۇملىرىدا 700 ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.، 270 مىڭ ئادەم ئۆي – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قالدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.