بىرازىلىيەدە شىددەتلىك ھۆل - يېغىن ئونلارچە ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 42 گە يەتتى.

1375120
بىرازىلىيەدە شىددەتلىك ھۆل - يېغىن ئونلارچە ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى بايانات بېرىپ، ساۋ پاۋلو ئۆلكىسىنىڭ گۇارۇجا، سانتوس ۋە ساۋ ۋىسېنتې شەھەرلىرىدە شىددەتلىك ھۆل – يېغىن پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

باياناتتا، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان سۇ ئاپىتى ۋە تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 42 گە يەتكەنلىكى؛ ئىز – دېرىكى يوقلار سانىنىڭ 36 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر