دونالد ترامپ قاتناشقان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن بىرسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پېنسنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مارىلاند ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن بىرسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بايقالدى.
1374120
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار ئىتتىپاقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپ ۋە پېنسمۇ قاتناشقان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغۇچىلاردىن بىرسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بايقالغانلىقى، بىراق بۇ كىشىنىڭ ترامپ ۋە پېنس بىلەن ھېچقانداق يېقىن ئۇچرىشىشتا بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، تىرامپنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 29 - فېۋرال (2020) دا كونسېرۋاتىپلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.