زەرىف: «ئاستانا باسقۇچى» سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر مىخانىزم

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدا  (2018 – يىلى) تۈزۈلگەن  «ئاستانا باسقۇچى» نىڭ سۈرىيەدىكى زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا مۇھىم ھەسسە قوشىدىغان بىردىنبىر مىخانىزم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

1372742
زەرىف: «ئاستانا باسقۇچى» سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى بىردىنبىر مىخانىزم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەرىف بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش نۆۋىتىنىڭ تېھراندا  ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «سۈرىيەدە ھازىرغىچە زوراۋانلىقنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرەلىگەن، مۇقىملىققا ھەم تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشكە ھەسسە قوشالىغان بىردىنبىر مىخانىزم <ئاستانا باسقۇچى> دۇر. دەرۋەقە، بۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر باسقۇچ بولۇپ، ئاستانا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چاقىرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، يېقىندا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، لاۋروۋمۇ ئاستانا باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر