پومپېيو: تۈركىيەنى قوللاش مەسىلىسىدە جىددىي ئويلىشىۋاتىمىز
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە تۈركىيەنى قوللاش مەسىلىسىدە بارلىق تاللاش خاراكتېرلىك يوللار ئۈستىدە جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پومپېيو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، رۇسىيە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىدا ئىدلىبتا يۈز مىڭلارچە پۇقرانىڭ زنيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنى 2018 – يىلى تۈركىيە بىلەن تۈزگەن «سوچى كېلىشىمى» گە رىئايە قىلىشقا ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بەزى تەلەپلەردە بولدى، نۆۋەتتە بىز بۇ تەلەپلەر ھەققىدە جىددىي ئويلىشىۋاتىمىز. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە رايوندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئازايتىلىشى، ئىدلىبتىكى ئىنسانىي كىرىزىسكە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارىنى تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، رۇسىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن سۈرىيەدە شەكىللەندۈرۈلگەن خىرىسقا قارشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى
رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولدى