ئامېرىكا: بوكوھارامنىڭ باشلىقىنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا زور مىقدار سۆيۈنچە بېرىمىز

ئامېرىكا، نىگېرىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەردە قانلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان بوكوھارام تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئەبۇبەكەر شەكاۋنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا 7 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1372790
ئامېرىكا: بوكوھارامنىڭ باشلىقىنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلغۇچىلارغا زور مىقدار سۆيۈنچە بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا، «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بوكوھارام رەھبىرى تېرورچى ئەبۇبەكەر شەكاۋنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشىگە پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 7 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا، مۇكاپات پۇلىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى، شۇنداقلا مىنىستىرلىقنىڭ ۋاتسئاپ نومۇرى ۋە تېلېگرامما ئۇچۇرلىرىمۇ ئورتاقلىشىلدى.

تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد يۈسۈپ 2010 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، شەكاۋ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىدى.

ئەبۇبەكىر شەكاۋ ئاممىۋى ۋە ھەربىي ئورۇنلارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ شۇنداقلا 2014 – يىلى بورنو ئۆلكىسىدىكى چىلبوك قىزلىرىنى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش ۋەقەسىنىڭمۇ جاۋابكارى دەپ قارالماقتا.

2000 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009 - يىلدىن بويانقى كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

بۇ تەشكىلات 2015 - يىلدىن باشلاپ نىگېرىيەگە قوشنا كامېرون ، چاد ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ۋەقە پەيدا قىلدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 2 مىڭ ئادەم قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر