جەرابلۇستا باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېرروردىن خالىيلاشتۇرۇلغان سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس شەھىرىدىكى جامائەت ئەربابلىرى باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

1372594
جەرابلۇستا باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆپ ساندىكى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگاننىڭ ۋەكىللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى مەھەللىي مەجلىس بىناسىغا يىغىلىپ، باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرگە دۇئا قىلدى.

تىرابلۇس يەرلىك مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئابىد خەلىل گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، رۇسىيە ، ئىران ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلى 4 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىكنىڭ ئىدلىب ۋە ھەلەبتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، پۈتكۈل دۇنيا ساداسىنى ياڭرىتىشى زۆرۈر بولغان بۇ زۇلۇمغا پەقەت تۈرك مىللىتىنىڭلا قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سۈرىيە خەلقى، ئوخشاش جۇغراپىيە ۋە ئوخشاش تارىخنىڭ ئەۋلادى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشى ۋە بىزگە ئىگە چىقىشى ئۈچۈن سۈرىيەگە تەكلىپ قىلدى... تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىليونلارچە پۇقرانى قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە باشلىغان باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىگە كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىشىنى خالايمىز. ئەرەب دۆلەتلىرى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيادىكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى سۈرىيە خەلقىنى بەششار ئەسەدنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرىمىز. باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ ئاخىرلىشىپ دۆلىتىمىزگە باھار ئېلىپ كېلىشىنى ۋە سۈرىيەدە يېڭى بىر باشلىنىشقا ۋاسىتە بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىمىز. ئۇلۇغ تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ۋە سۈرىيە ئىنقىلابىنىڭ شېھىتلىرىغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز » دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر