فىلىپپىندە بىر سودا سارايدا 30 ئادەم گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

فىلىپپىندىكى بىر سودا سارايدا، سابىق ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى 30 ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

1369982
فىلىپپىندە بىر سودا سارايدا 30 ئادەم گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سان جۈەن شەھىرىدىكى (V-Mall) سودا سارىيىدا قورال ئاۋازى ئاڭلانغان بولۇپ، بىنانى ساقچىلار قورشاۋغا ئالغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بىر نەپەر سابىق ئامانلىقنى ساقلىغۇچى خادىم سودا سارايدا تەخمىنەن 30 ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

 گۆرۈگە ئېلىنغانلاردىن بىر كىشى يارىلانغان، قېچىشقا مۇۋەپپەق بولغانلار ساراسىمىدە بىنانىڭ سىرتىغا چىققان، 10 دىن ئارتۇق ئالاھىدە ساقچى بىناغا كىرگەن بولۇپ، ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى نەق مەيداندا كۈتۈپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر