(ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئاۋستىرالىيەدە تۇنجى قېتىم جان ئالدى

ئاۋستىرالىيەدە يېڭى تىپلىق (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1369295
(ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئاۋستىرالىيەدە تۇنجى قېتىم جان ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربى ئاۋستىرالىيە ئۆلكىلىك سەھىيە ئىدارىسى باشلىقى ئاندىرېۋ روبېرتسون ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيوغا يېقىن يوكوھاما پورتىدا كارانتىناغا ئېلىنغان «Diamond Princess» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىدا يېڭى تىپلىق (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئاۋستىرالىيەدە داۋالىنىۋاتقان 78 ياشلىق بىر ئەر بېمارنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 

روبېرتسون ئۆلگەن كىشىنىڭ «Diamond Princess» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتىدا يۇقۇملانغان 79 ياشلىق ئايالىنىڭمۇ ئوخشاش دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ بىر ئىزدا كېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر