ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1368894
ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، ئىدلىبتىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ھەمدە ئىدلىبتا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دەرھال قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ  قوللىنىلىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ ياردەمچىسى جاد دېرې تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، پىرېزىدېنت ترامپ ئالدىنقى كۈنى ئىدلىبتا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈرك ئەسكەرلىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەزىيە بىلدۈردى، ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى، ھەمدە  تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلارنى ئازايتىش ۋە ئىنسانىي پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى رەھبەر، تېخىمۇ كۆپ مەسۇم ئىنسان ئۆلتۈرۈلمەستىن ۋە يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالماستىن بۇرۇن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر