ب د ت ئىدلىب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى يېڭىلىدى.

1368633
ب د ت ئىدلىب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يازما بايانات ئېلان قىلغان گۇتېررېس، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان سۈركىلىش ۋە كۆپلىگەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈپ كېتىشىنى قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا، ئىدلىبتا دەرھال ئۇرۇش توختىتلىشى كېرەك. چۈنكى بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ھەربىي سۈركىلىش پۇقرالار ئۈچۈن خەۋپ تەشكىل قىلماقتا. دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈلمىگەن تەقدىردە، سۈركىلىشنىڭ ھەر سائەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىش خەۋپى باردۇر. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭ بىردىنبىر يولى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى سىياسىي چارىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر