خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى

خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 746 گە يەتتى.

1367287
خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت  ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 29 غا، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 433 كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئىككى كىشىنى قوشقاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنكەرنىڭ سانى 2 مىڭ 746 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بولسا 78 مىڭ 497 گە يەتكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12 – دېكابىر كۈنى  ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر