ئىتالىيەدە بىر دوختۇر ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ يەتتىگە چىققانلىقى ئېلان قىلىندى.

1365761
ئىتالىيەدە بىر دوختۇر ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ئانسا (ANSA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىتالىيە مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى يەتتىگە چىققان. لومباردىيا (Lombardiya) رايونىدا 62 ياشلىق بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ تۈنۈگۈن (24-فېۋرال) ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئاخىرقىسى بولغان. لومباردىيا رايونىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئالتە، ۋېنېتو (Veneto) رايونىدا بىر بولۇپ، جەمئىي يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. دۆلەت مىقياسىدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 229 غا يەتكەن.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇزۇپپې كونتې (Giuseppe Conte) ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «ھېچقانداق نەرسىنى بوش چاغلىمىدۇق، ئەكسىچە بولغاندا بۇنداق تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغان بولاتتۇق. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تەخمىن قىلالمايمىز» دېدى.

ئۇ خېلى بۇرۇنلا ۋىرۇس تارقالغان شىمالدىكى رايوندىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تەۋسىيە قىلغان تەدبىرلەرگە بويسۇنمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

لومباردىيا رايونىدىن ئىسپانىيەنىڭ كاناريا ئاراللىرىغا ساياھەتكە كەلگەن ئىتالىيەلىك بىر دوختۇرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.

كاناريا ئاراللىرى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ئىتالىيەلىك دوختۇرنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا كارانتىن قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان بولۇش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر