كەركۈكتە بىر ئائىلە كىشىلىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بايقالدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە بىر ئائىلىدىن 4 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى) بايقالدى.

1366141
كەركۈكتە بىر ئائىلە كىشىلىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كەركۈكتە يېقىندا ئىراندىن قايتقان بىر ئائىلىدىكى 4 كىشىدە كوۋىد-19 بايقالغانلىقىنى، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ كارانتىناغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدىمۇ تۈنۈگۈن ئىرانلىق بىر ئوقۇغۇچىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر