ئىتالىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا

ئىتالىيەدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن ۋېنېدىك كارنىۋال بايرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1364860
ئىتالىيە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېتو ۋالىيسى لۇكا زاييا 22-فېۋرالدىن باشلاپ ۋېنېدىكتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەتلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئونمىڭلارچە ساياھەتچىلەرنى شەھەرگە جەلپ قىلدىغان ۋېنېدىك كارنىۋال بايرىمى 23-فېۋرال (2020) غىچە ئۆتكۈزۈلەتتى.

ۋېنېدىك بىلەن ۋېنېتودىكى مۇزېي، مەكتەپ، ئۇنىۋېرستېت ۋە باشقا خەلققە ئوچۇق بولغان جايلارنىڭمۇ بالدۇر دېگەندە 1-مارتقىچە تاقىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مەسئۇل دائىرىلەر ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئۈچكە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 152 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى باياناتتا، پەقەت ۋېنېدىكتىلا ئۈچ كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى، بۇ كىشىلەرنىڭ 90 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر