ماھاتىر مۇھەممەد ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد، ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەش تىرىشچانلىقلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1364981
ماھاتىر مۇھەممەد ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن ئىستېپا ئىلتىماسىنى پادىشاھلىق سارىيى – ئىستانا نېگاراغا يوللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«مالايشىيا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ ئىستېپاسى نەتىجىسىدە، نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەت بىرلەشمىسى – ئۈممەت ئىتتىپاقى تارقىلىپ كېتىدىكەن، شۇڭا مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

خەۋەردە، مۇۋەققەت باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋان ئازىزاھ ۋان ئىسمائىلنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، باش مىنىستىرلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان خەلقنىڭ ئادالىتى پارتىيەسى باشلىقى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر