(ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 غا مۇناسۋەتلىك دۇنيا مىقياسىدىكى يېڭى ئەھۋاللار

ئىراننىڭ نۇرغۇنلىغان ئۆلكىلىرىدە (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش توختىتىلدى.

1364622
(ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 غا مۇناسۋەتلىك دۇنيا مىقياسىدىكى يېڭى ئەھۋاللار
iran koronavirus.jpg
g.kore koronavirus.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 8 گە يەتتى.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى كىيانۇس جىھانپۇر، يەنە 15 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 43 كە ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 8 گە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىيانۇس جىھانپۇر يېڭىدىن ۋىرۇس بايقالغان 15 كىشىنىڭ 7 سۇ قۇم ئۆلكىسىدە، 4 ى تېھراندا، 2 سى گىلاندا، بىرسىنىڭ مەركەزىدە ۋە يەنە بىرسىنىڭ مازەندەرەن ئۆلكىسىدە بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراننىڭ تېھران، قۇم، ئەردەبىل، ئەلبۇرز، مەركەزىي، ھامەدەن، كازۋىن، مازەندەرەن ۋە گىلان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىۋېرسىتېت، دىنىي مائارىپ ئورگانلىرى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مائارىپ پائالىيەتلىرى بەزى ئۆلكىلەردە 1 كۈنلۈك، بەزىلىرىدە 2 كۈنلۈك، يەنە بەزىلىرىدە بولسا، 1 ھەپتىلىك   توختىلغانلىقى ھەمدە بۇ مۇددەتنىڭ ئۇزارتىلىشى مۇمكىنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىراندىكى بارلىق تەنتەربىيە پائاليەتلىرى 10 كۈن كېچىكتۈرۈلدى. پۈتۈن سەنئەت پائالىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

كۇۋەيتمۇ پۇقرالىرىنى ئىراندىن قايتۇرۇپ كېتىشنى باشلىدى.

ئىراندىكى كۇۋەيت پۇقرالىرىنى يۆتكەپ كېتىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن 5 ئايروپىلاننىڭ تۇنجىسى 130 يولۇچىنى ئېلىپ كۈۋەيتكە يېتىپ باردى.

جەنۇبىي كورېيەدە بولسا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 602 كىشىگە ئۆرلىدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4 كە يەتتى. ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەشتە ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈننىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى ئەڭ يۇقۇرى «قىزىل» سەۋىيەگە چىقارغانلىقىنى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستاندىمۇ (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 تاقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە، ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ زۆرۇل بولمىغان ئەھۋالدا سىنگاپورغا ساياھەتكە بارماسلىقى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيا مقياسىدا يېڭى تىپلىق (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملانغۇچىلانىڭ سانى 79 مىڭغا يەتتى.

ئىسرائىلىيە، جەنۇبىي كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدىن ئايروپىلان بىلەن كەلگەن 200 كىشىنىڭ تېلئاۋېۋدىكى بېن گۇرىيون ئايرودورۇمىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

«The Jerusalem Post» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيەدىن ئايروپىلان بىلەن كەلگەن 12 نەپەر ئىسرائىلىيە پۇقراسى جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈلگەن. 

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىش مۇددىتىنىڭ 27 كۈنگە چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋۇخەن شەھىرىدە بىر يۇقۇملانغۇچىدا ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنىڭ 27 كۈندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئاراغا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ۋىرۇس تارقىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سەھىيە سىستېمىسى ئاجىز دۆلەتلەرگە 675 مىليون دوللار ياردەم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر