ئامېرىكا: تۈركىيەنى قوللايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى شېھىتلار ئۈچۈن تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە داۋاملىق ئەنقەرەنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا: تۈركىيەنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت بولۇپ كېتىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «رايوندا سۈركىلىشنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئىدلىبتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان  تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت بولۇپ كېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، بىز ھەمىشە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنى قوللاليمىز. دەرۋەقە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئۆتكەن شەنبە كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە،  ئىدلىب مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم – سىتەملىرىنى قوللاشنى توختىتىش ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا سىياسىي چارە تېپىشقا چاقىرغانىدى.»

ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىدلىبتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىدىن ئىككى ئەسكەر پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە شېھىت بولغان، 5 ى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر