ئىراق ئىرانلىقلارغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

ئىراق، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغان ئىككى ئىرانلىقنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن ئىران پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى.

ئىراق ئىرانلىقلارغا  ۋىزا بېرىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ياسىر ئەلياسىرى ئىمزالىق مىنىستىرلىق قارارنامەسىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى) يۇقتۇرۇۋالغان ئىككى ئىرانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، ئىراققا كىرىدىغان ئىران پۇقرالىرىغا يېڭى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغۇچە بولغان جەرياندا ۋىزا بېرىلمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىراق يەنە، ئىراندا ئادەم ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇس سەۋەبىدىن بۇ دۆلەت بىلەن بولغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى ئۈچ كۈن بويىچە تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق قاتناش مىنىستىرلىقىمۇ ئىرانغا قاتنايدىغان بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر