ئىراندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى تۆتكە چىقتى
ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرى مەسئۇلى كىيانۇش جىھانپۇر تۋىتتېردا ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
1363983
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرى مەسئۇلى كىيانۇش جىھانپۇر تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەنە ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ قۇمدا يەتتە، پايتەخت تېھراندا تۆت ۋە گىلاندا ئىككى بولۇپ، جەمئىي 13 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە 19-فېۋرال (2020) نەپەس يېتىشمەسلىك بىلەن كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.