سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەت سادىر قىلىپ تۈركىيەگە دۆڭگەپ قويۇش پىلانى پاش بولدى

سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ھەلەب شەھەر مەركىزىدىكى بەزى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيەنى «پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەش» كە تەييارلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1363534
سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايەت سادىر قىلىپ تۈركىيەگە دۆڭگەپ قويۇش پىلانى پاش بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبتىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ سىمسىز ئالاقىلىشىش سىستېمىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ ھامدانىيە مەھەللىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈركىيەنى ئۇ يەردىكى پۇقلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قولغا چۈشۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى 2016 – يىلى دېكابىردىن بۇيان ھەلەب شەھەر مەركىزىنى تولۇق كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ھاكىمىيەت كۈچلىرى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئاھالىلەر رايونلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر