ماكرون بىلەن مېركېل پۇتىننى ئىدلىبتىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ دەرھال توختىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

1363760
ماكرون بىلەن مېركېل پۇتىننى ئىدلىبتىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن سېئىبېرت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازاما باياناتقا قارىغاندا، مېركېل بىلەن ماكرون پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن؛ پىرېزىدېنت ماكرون بىلەن باش مىنىستىر مېركېل، ئىدلىب رايونىدىكى ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىستىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، پۇتىننى بۇ يەردىكى توقۇنۇشلارغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.

موھتاجلارغا ئىنسانىي ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىككى رەھبەر، پۇتىن ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن (ئىدلىبتىكى) كىرىزىسقا سىياسىي چارە تېپىش مەقسىتىدە ئۇچرىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنىمۇ قەيت قىلىشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر