ترامپ بىلەن ماكرون تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1362932
ترامپ بىلەن ماكرون تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي مۇئاۋىن باياناتچىسى جۇد دېئېرې يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ بىلەن ماكروننىڭ سەيشەنبە كۈنى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئىككى لىدېر ناتونىڭ ئەھمىيىتى بىلەن بىرگە فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ساھېلدا ئېلىپ بارغان تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى ھەققىدىمۇ پىكىرلەشتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر