شويگۇ: ئامېرىكا سۈرىيەنى تالان قىلماقتا

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ نېفىتلىكلىرىنى تالان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1362703
شويگۇ: ئامېرىكا سۈرىيەنى تالان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىگى دى مائىئو، مۇداپىئە مىنىستىرى لورېنزو گۇئېرىنى ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ قاتارلىق 2+2 شەكلىدە مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قوشۇمچە قىلىپ رايوننىڭ مۇقىملىق مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان يىغىندىن كېيىن، سېرگېي شويگۇ بىلەن سېرگېي لاۋروۋ ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئۇسېپپې كونتې بىلەن كۆرۈشتى.

سېرگېي شويگۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ژۇرنالىستلارنىڭ سۈرىيە توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ سۆزى جەريانىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سۈرىيەدە بولاڭ – تالان قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى نېفىتلىكلەرنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن سېرگېي شويگۇ، «سۈرىيەدىكى نېفىت چىقىرىلىدىغان رايونلار ئامېرىكا تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا. سۈرىيەگە ۋە سۈرىيە خەلقىگە مەنسۇپ بولغان بايلىقلار تالان قىلىنماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر