ماھاتىر مۇھەممەد نويابىردا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئەنۋەر ئىبراھىمغا تاپشۇرىدۇ

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد باش مىنىستىر ئالمىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1362437
ماھاتىر مۇھەممەد نويابىردا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئەنۋەر ئىبراھىمغا تاپشۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد، دۆلەتتە تالاش تارتىش بولۇۋاتقان باش مىنىستىر ئالمىشىش مەسلىسى ئۈستىدە توختالدى ۋە نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىنى ئىما قىلغان ھالدا: «رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپەمنى تاشلايمەن» دېدى.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد خەلقنىڭ ئادالەت پارتىيەسى رەئىسى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، باش مىنىستىر ئالمىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاقداش پارتىيەلەرنىڭ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا، باش مىنىستىر ئالمىشىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماھاتىر مۇھەممەد: «بىرەر ۋاقىت بەلگىلىنەمدۇ؟ بىلمەيمەن. لېكىن مەن بۇرۇنلا ۋەزىپەمنى تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىمنى ئېيتقان ئىدىم» دېدى. 

ماھاتىر مۇھەممەد باش مىنىستىرلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە دائىر بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىتتىپاقداش پارتىيەلەر مەيلى قانداق قارار ماقۇللىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن ۋەزىپەمنى تاشلايمەن» دېدى.

بۇ يىل ئىچىدە باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەدتىن ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئەنۋەر ئىبراھىممۇ ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماھاتىر مۇھەممەدنىڭ نويابىر ئېيىدا مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن باش مىنىستىرلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. 

باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەد 2018يىلى 9مايدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئۇتۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئىتتىپاقداش پارتىيەلەرنىڭ ماقۇللىغان قارارىنىڭ تەقەززاسى بويىچە تەخمىنەن ئىككى يىلغىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغانلىقىنى، ئاندىن ئەنۋەر ئىبراھىمغا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر