فىرانسىيەدە چەت ئەل تىللىرىنى چەكلەش نامىدىن تۈركلەرگە چەكلىمە قويۇلماقچى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون سىنتەبىر ئېيىدىن ئېتىبارەن دۆلەت مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە چەت ئەل تىلى ۋە كۈلتۈرى دەرسلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1362152
فىرانسىيەدە چەت ئەل تىللىرىنى چەكلەش نامىدىن تۈركلەرگە چەكلىمە قويۇلماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون مۇھاۋس شەھىرىدە ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، «خەلقنىڭ مەلۇم بىر قىسمى ئىسلام نامىدىن يېڭى سىياسىي لايىھەلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولماقتا» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى ۋە دۆلەت مىقياسىدا سىكۇلارىزم جەھەتتىن ھېچقانداق مەسىلە يوقۇلۇقىنى، بىراق سىكۇلارىزمنىڭ بىر دىنغا ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن ۋاستە ئورنىدا ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

ماكرون: «بىزنىڭ دۈشمىنىمىز؛ ئايرىمچى پىكىرلەردۇر. فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان رىشتىلەرنى كېسىپ تاشلىماقچى بولغانلار ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلاردۇر. بىرەر دىن نامىدىن فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان رىشتىلەرنى كېسىپ تاشلىماقچى بولۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىنىشى لازىم» دېدى ھەمدە ئىسلامنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغان ھېچقانداق پىلانى يوقلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، «بىز بولۇپمۇ بەزى مەكتەپلەردە ۋە جامىلەردىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ مۇداخىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېدى.

فىرانسىيەدە رادىكاللىق پائالىيەتلىرىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، 80 گە يېقىن تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ماكرون، مەسىلىنىڭ مۇسۇلمان ياكى فىرانسوزلار ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.

ماكرون يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان 15 جامە، 12 جەمئىيەت ۋە 4 مەكتەپنىڭ تاقىۋىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئانا تىل ۋە كۈلتۈر دەرسلىرى» ئاستىدا چەت ئەل تىللىرى ئۆگىتىلۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماكرون: «فىرانسىيە پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇمھۇرىيەت مەكتەپلىرىدە دۆلەت كونتىرول قىلالمايدىغان دەرسلەرنىڭ ئۆتىلىشى مېنى بىئارام قىلىدۇ. دەرسلىك ماتېرىياللارنى كوننترول قىلالمايۋاتىمىز. بۇ بىر ئېغىر مەسىلە» دېدى.

چەت ئەل تىللىرىدا خەلقئارا مائارىپ سىستېمىسىغا ئۆتۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگۈن ماكرون، «بۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىماملار فىرانسىيەدە يېتىشكەن بولۇشى ۋە فىرانسوزچە بىلىشى لازىم. فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركلەر مېنىڭ نەزىرىمدە قىرانسورلاردۇر. ئۇلارنىڭ فىرانسور بولۇشىنى خالايمەن. ئۇلارنىڭ فىرانسوزلار ئىگە بولغان ھەق ھوقۇققا ئىگە بولۇشىنى خالايمەن. بىراق فىرانسوزلارغا  ئوخشاش قانۇنغا بوي سۇنىشى كېرەك. تۈركىيەنى ڭقانۇنلىرى بۇ يەردە ئىناۋەتكە ئىگە ئەمەس» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر