ئالبانىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما، 26 – نويابىردا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئالبانىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ جاراھىتىگە مەلھەم ئىزدەش مەقسىتىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا ئىئانىچىلەر يىغىنى» دىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىتالىيە ۋە تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن راما، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان جەمئىي 1 مىليارد 150 مىليون ياۋرولۇق ياردەم ۋەدىسىگە «سېھرىيلىكتىنمۇ ھالقىغان بىر ئىش» دەپ باھا بېرىپ، «بۇ يەردە شاھىت بولغانلىرىمىز ئادەمنى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە مەمنۇن قىلىدۇ» دېدى.
ئالبانىيەدە 26 – يانۋاردا يەر تەۋرەپ 51 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 3 مىڭ ئادەم يارىلانغان، نۇرغۇن قۇرۇلۇش تالاپەتكە ئۇچرىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.