ئىدلىبنىڭ يېزىلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن (17-فېۋرال) ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا، تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1361336
ئىدلىبنىڭ يېزىلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ دارېت ئىززە ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن يېزىلارنى بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا، ئېبزىمو يېزىسىدا ئۈچ، تۈركىيە چېگراسىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان دانا رايونىدا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

رۇسىيە تۈنۈگۈن دارېت ئىززە ناھىيەسىدىكى ئىككى دوختۇرخانىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر