ياپونىيە پاراخوتىدا يەنە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالدى

ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن كارانتىن قىلىنغان يولۇچىلار پاراخوتىدا يەنە 99 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.

1361213
ياپونىيە پاراخوتىدا يەنە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كارانتىن قىلىنىۋاتقان يولۇچىلار پاراخوتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 4-فېۋرال (2020) يوكوخاما پورتىدا كارانتىن قىلىنىشقا باشلىغان «Diamond Princess» ناملىق پاراخوتتىكى 3 مىڭ 500 كىشى ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 454 كە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پاراخوتتىكى 1723 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، بۇلاردىن 454 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى قەيت قىلىندى.

پاراخوتنىڭ 19-فېۋرالغىچە كارانتىن قىلىنىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر