ئۇكرائىنادا 8 ياشلىق بىر ئۆسمۈر بالدۇر ياشىنىپ كېتىش تۈپەيلى ۋاپات بولدى
ئۇكرائىنادا 8 ياشلىق ئاننا ساكىدون ئىسىملىق بىر قىز بالدۇر ياشىنىپ كېتىش تۈپەيلى ۋاپات بولدى.
1360964
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ئاران 160 كىشىدە كۆرۈلگەن ۋە گېن بۇزۇقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان 8 ياشلىق ئۆسمۈر، يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماستىن، 80 ياشلىق بىر كىشى بىلەن ئوخشاش بەدەن قۇرۇلمىسىغا ئىگە ئىدى.
ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى كۆپ خىل ئورگانلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى دەپ كۆرسىتىلدى.
دوختۇر نادېزھىدا كاتامان بۇ ئۆسمۈرنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم پالەچ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «<Progeria> دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئاننا ساكىدوننىڭ ئىچكى ئورگانلىرى ئىنتايىن تېز ياشىنىپ كەتتى. سۆڭەكلىرى بولسا، ئىنتايىن ئاستا تەرەققىي قىلدى» دېدى.