رىياد: ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشى پەلەستىن بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىغا باغلىق

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيسال بىن فەرھان، ئىسرائىلىيە بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ، پەلەستىنلىكلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1360916
رىياد: ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىشى پەلەستىن بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىغا باغلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 56 – نۆۋەتلىك مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە بارغان فەيسال بىن فەرھان، ئىسرائىلىيەنىڭ مائارىۋ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ، «پات يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا «ئىسرائىلىيە بىلەن (مۇناسىۋەتلەرنى) نورماللاشتۇرۇش پەلەستىننىڭ شەرتلىرىگە مۇۋاپىق تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا باغلىق» دەپ جاۋاب بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل ئەلجۇبەير، جۈمە كۈنى رومېنىيەنىڭ پايتەختى بۇكرەشتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاتالمىش تىنچلىق پىلانىدا ئىجابىي ئامىللارنىڭ بارلىقىنى، بۇنى سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسىي قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، پەلەستىندىكى ھەرقايسى قاتلاملار جۇبەيرنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر