نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1360922
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەربىي فورما كىيگەن قوراللىق كىشىلەر دېلتا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئۇغېللى رايونىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 10 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، كۆپ ساندا ئادەمنى يارىلاندۇرغان.

دېلتا ئۆلكىسى مەتبۇئات ئىشلىرى كاتىپى ئولىسا ئىفېئاجېكا، ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى ۋە رايونغا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر