خىتايدا قەغەز پۇللارنى توپلاپ كارانتىناغا ئېلىش باشلاندى

خىتايدا يېڭى تىپلىق (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئاپىتىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، قەغەز پۇللار توپلىنىپ دىزىنفېكسىيە قىلىنماقتا.

1360708
خىتايدا قەغەز پۇللارنى توپلاپ كارانتىناغا ئېلىش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركەز بانكىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 ئاپىتىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كونا قەغەز پۇللارنىڭ ھەممىنى توپلاپ كارانتىناغا ئالغانلىقىلىرىنى جاكارلىغان.

باياناتتا، ئۇلترا بىنەپشە رەڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سۇيۇغلۇق بىلەن دىزىنفېكسىيە قىلىنغان قەغەز پۇللارنىڭ 7  كۈندىن 14 كۈنگىچە ساندۇقلاردا ساقلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولۇپ، بانكىلارنىڭمۇ خېرىدارلىرىغا كېرەكلىك بولغاندا، ئىشلىتىلمىگەن يېڭى پۇل بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

باياناتتا يەنە، كارانتىناغا ئېلىنغان پۇللارنىڭ كارانتىنادا تۇتۇپ تۇرۇلۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئاندىن قايتا بازارغا سېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئەڭ دەسلەپ 12دېكابىردا خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد-19 قىسقىغىنە ۋاقىتتا باشقا شەھەر ۋە دۆلەتلەرگىمۇ تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلفئارالىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتايدا كوۋىد-19 ۋىرۇسى ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1771 كىشىگە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 70 مىڭ 548 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر