ئىدلىبتا تۈركىيەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب شەھىرىدە كەڭ خەلق ئاممىسى بىر يەرگە جەم بولۇپ تۈركىيەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1360002
ئىدلىبتا تۈركىيەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى ئايلاردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدلىب شەھەر مەركىزى ۋە يېقىن ئەتراپىدىكى دانا، سارمادا، ماررىتمىسرىن ۋە كەفەرتە ھارىم قاتارلىق رايونلاردا بىر يەرگە جەم بولغان ئون مىڭلارچە پۇقرا، تۈركىيە ۋە سۈرىيە ئىنقىلابچىلىرىنىڭ بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا نامايىش ئۆتكۈزدى، ھەمدە تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە «پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز»، «ئازاد قىلىنغان رايونلارغا تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلار بىلەن  ئىدلىبتا شېھىت بولۇپ كەتكەن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، تۈركىيەگە بولغان مىدننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشتى.

نامايىشقا قاتناشقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رۇدۋان ئەلئاتراس، تۈركىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن قېچىۋاتقانلارنىڭ پاناھگاھى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مۇداپىئە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز، بولمىسا، بۇ رايون بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە، چېگرا لىنىيەلىرىدە يېڭى بىر ئىنسانىي پالاكەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر